- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونىدىن ئۈچى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى
2017.12.04 15:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ۋە كۆرۈنمە چاستوتىدا جاۋاپ بېرىش قاتارلىق ھالقىلاردىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈرۈمچى، قۇمۇل، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ سىناپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچا رايونىدىن توققۇزى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەشى (سانجى، غۇلجا، ئۈرۈمچى، قۇمۇل، خوتەن) پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر