باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» مۇزىكا-مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلدى

2017.12.04 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، شىئەن مۇزىكا ئىنستىتۇتى «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇزىكا-مەدەنىيەت ئالىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى شىئەن مۇزىكا ئىنستىتۇتى سەنئەت مەركىزى ئوپىرا-دىراما زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  «ئالىي تەتقىقات يۇرتى»نىڭ مەقسىتى بولسا «بىر بەلباغ، بىر يول» ئەدەبىيات-سەنئەت ئەقىل ئامبىرى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش؛ ئىلمىي ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇزىكا-مەدەنىيەت تەتقىقاتى يۇقىرى دەرىجىلىك سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىش؛ ئىختىساسلىقلار مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۇنياغا مەشھۇر بىر تۈركۈم سەنئەتكارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەش؛ كەسىپ توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە تەربىيەلەش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يادرولۇق، ئالاھىدە پەنلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ خەلقئارالىق مۇزىكا ئىلمىي تەتقىقاتىدا يېڭى پەللە بەرپا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا سىڭىشىش؛ سەنئەت مۇزېيى قۇرۇپ جۇ، چىن، خەن، تاڭ مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر