باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا (3)

2017.12.04 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش-جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس بۇرچ بولۇپ، ماركىسزملىق پارتىيەنىڭ ئارزۇسى ھەم جاسارىتىنى نامايەن قىلدى.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ؛ ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ؛ ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە، «ئۈچ ئىلگىرىكىدەكلا» سۆزى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشتەك قەيسەر ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى دۇنيا خەلقىگە تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

  جاراڭلىق سۆز، قىلچە تەۋرەنمەس قەتئىي ئىرادە__جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كەڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرىسى، دۇنياغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى ۋە دەۋر مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «چوڭنىڭ چوڭغا لايىق سالاپىتى بولۇش كېرەك» دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىدى. نىمە ئۈچۈن چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيە دەيمىز؟ بۇ، چوڭ غايە، چوڭ دائىرە، چوڭ مەنىۋى قىياپەت، چوڭ مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىلغان بارلىق ئىشلارنىڭ جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغانلىقى، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرىدىغانلىقى، ئىنسانلار ئۈچۈن تىنچلىق ھەم تەرەققىيات يارىتىدىغانلىقى» جاكارلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز بۇنى بۇرچ بىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى ئىدارە قىلىش رىۋايىتىنى پۈتكۈزدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىشقىچە، ئۆز ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات رېتىمى ئۈستىدە ئىزدەندى ھەم دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىمان بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چەت ئەل ئەندىزىسىنى «ئىمپورت» قىلمىدى، شۇنداقلا جۇڭگو ئەندىزىسىنى «ئېكسپورت» قىلمىدى، جۇڭگو ئۇسۇلىنى «تەقلىد» قىلىشنى تەلەپ قىلمىدى. جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر