خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 1- دېكابىر كەچتە، 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىغا ئايرىش چەك تارتىش مۇراسىمى موسكۋا كرېمل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
چەك تارتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىشى تۆۋەتدىكىچە :
A گۇرۇپپا: رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئۇرۇگۋاي؛
B گۇرۇپپا: پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، ماراكەش، ئىران؛
C گۇرۇپپا: فرانسىيە، ئاۋسترالىيە، پېرۇ، دانىيە؛
D گۇرۇپپا : ئارگېنتىنا، ئىسلاندىيە، كرودىيە، نىگېرىيە؛
E گۇرۇپپا: برازىلىيە، شۋېيتسارىيە، كوستارىكا، سېربىيە؛
F گۇرۇپپا: گېرمانىيە، مېكسىكا، شۋېتسىيە، كورېيە؛
Gگۇرۇپپا: بىلگىيە، پاناما، تۇنىس، ئەنگلىيە؛
H گۇرۇپپا: پولشا، سېنېگال، كولۇمبىيە، ياپونىيە .
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى رۇسىيەدىكى موسكۋا، ساينت پېتېربۇرگ ۋە سوچى قاتارلىق 11 شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتى 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 23تە، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى مۇسابىقىسى رۇسىيە كوماندىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا باشلىنىدۇ؛ 7- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 23تە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە موسكۋا لۇچىنىكى توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى