باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش يىلدىن بۇيان سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە جۇڭگونى ئۆزگەرتتى

2017.12.05 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىر مەيدان پارتىيە ئىچىدىكى جاھىل، ساقايماس كېسەللەرنى داۋالاپ، ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاش جېڭى باشلاندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئۆز تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، «ئەستايىدىل بولۇش» روھى، «دادىل ئۈستىگە ئېلىش» ھەرىكىتى، نىشانغا يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىق، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشتەك ئىرادىسى بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بەش يىلدىن بۇيان، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە جۇڭگونى ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى.پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نىشانلاپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن مەسىلىنى يۈزەكى بىر تەرەپ قىلماسلىق، داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشكىچە باسقۇچمۇ باسقۇچ داۋاملىق ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈردى؛ كونكرېت مەسىلىدىن باشلاپ تۇتۇپ تەدرىجىي كېڭەيتتى؛ پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن باشلاپ تۇتۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كارخانا، كەسپىي ئىش ئورنى ۋە ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتتى؛ مۇھىم نۇقتىدىن باشلاپ ھالقىمۇ ھالقا، يىلمۇ يىل چىڭ تۇتتى؛ چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا قەتئىي تەۋرەنمەي، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

  ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولىمىز:

  1. يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىچ باغلىنىشلىق، تەڭ تۇتۇپ باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندى.

  2. غايە-ئېتىقاددا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تەدرىجىي ئادەتكە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  3. مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇتۇپ، كونكرېت مەسىلىدىن باشلاپ بىرمۇ بىر ھەل قىلىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتنى توستى.

  4. چىڭ تۇتۇپ، قىلچە يول قويماي، نازارەت قىلىش تورىنى پۇختا توقۇپ، ھەر خىل شەكىلدىكى نازارەتچىلىك تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

  5. داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، بېسىمنى ئاشۇرۇپ، خىلاپلىق قىلغانلىكى كىشىنى جازالاپ، ئىسمىنى ئاتاپ ئاشكارىلاش-ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى.

  6. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق نىزام بېكىتىپ قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاتتىق چەكلەيدىغان، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان تۈزۈم قەپىسىنى مۇستەھكەملىدى.

  7. چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇلاشتۇرۇپ، چوڭقۇلاشتۇرۇش داۋامىدا قەتئىي تەۋرەنمەي، پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئىزدىنىپ، قاتلاممۇ قاتلام ئىلگىرى سۈرۈپ، كېڭەيتىش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر