باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان توققۇز تىپىك دېلو ئاشكارا قىلىندى

2017.12.04 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان توققۇز تىپىك دېلونى ئاشكارا قىلدى. بۇ توققۇز دېلو تۆۋەندىكىچە:

  1 . قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دۇڭمېن ساقچىخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سىياسىي يېتەكچىسى ئابلەت ئابدۇقادىرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  2. قاراقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزىسى جۈمە بازار كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ئەخمەت توختى خالىقنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇكاپات تارقىتىشى قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  3. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى خۇاڭ جىنجۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىزىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشى قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  4 . قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى يولۇچى توشۇشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى دېڭ كېچياڭنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپەت بېرىشىنى قوبۇل قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  5 . بۆرتالا شەھرى تەمىنات-سودا كوپىراتىپى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى گو دۇڭبونىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ۋە پاراۋانلىق تارقىتىشى قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  6. موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى قاشاجار بازىرى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى مىڭ يىڭيەننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مال سېتىۋېلىش كارتىسى قوبۇل قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  7. ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى ئەدلىيە ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى خەلچىگۈل غوپۇرنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىشى مەسىلىسى.

  8. خېجىڭ ناھىيىسى چارۋىچىلىق مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، ئوتلاق خىزمەت پونكىتىنىڭ باشلىقى لى بونىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە پۇل تارقىتىش مەسىلىسى.

  9. كۇچا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسىدىكى پۈتۈكچى دىلشات ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2017- يىلى 8- ئايدا، دىلشات ئېلى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىدارىسىدىكى ساقچى ماشىنىسىنى ھەيدەپ شەخسىي يىغىلىش ۋەKTV كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، 2017- يىلى 8- ئايدا، دىلشات ئېلىغا مەمۇرىي گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر