خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، «جەڭ بۆرىسى 2» ناملىق كىنونىڭ رېژىسسورى، باش رولچىسى ۋۇ جىڭ مالايسىيانىڭ مەمۇرىي پايتەختى پۇتراجايا شەھىرىدە 2017-يىللىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن رەھمىتىنى بىلدۈرمەكتە.
2017-يىللىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كىنو بايرىمى 4-دېكابىر كەچتە، مالايسىيانىڭ مەمۇرىي پايتەختى پۇتراجايا شەھىرىدىكى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئاياغلاشتى، جۇڭگونىڭ كىنو تارىخىدىكى بېلەت كىرىمى چېمپىيونى بولغان «جەڭ بۆرىسى 2» ناملىق كىنو بۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى