باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسى نېمىشقا دۇنيانىڭ پارتىيەلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ؟

2017.12.05 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەر يۇقىرى قاتلامدىكىلەر سۆزلىشىشى 30-نويابىردىن 3-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەتلىك سۆز قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش گۈزەل ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ۋە پارتىيەلىرىنىڭ بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئالىي غايە روياپقا چىققاندا جاھان ئومۇمغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جاھانغا بولغان مۇھەببىتى ۋە بۇرچ مەسئۇلىيىتى نامايەن قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ھەرىكىتى بىلەن بەھرلەندۈرۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتى جەلپ قىلىندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ باش مەقسەتلىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى «جاھان بىر ئائىلە» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشى كېرەك.

  دۇنيا چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان جىددىي ئۆزگىرىشلەر دۇنيانى «تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى»غا ئىتتىرىپ، «ئىنسانىيەت قاياققا ماڭىدۇ» دېگەن دەۋر سورىقىنى پەيدا قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى بۇ دەۋر سورىقىغا دادىل يۈزلىنىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پىرودى مۇنداق دېدى: بىز بىر-بىرىمىزگە تايىنىدىغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئېدىلوگىيە، سىياسىي ئەندىزىدە پەرقلىق بولساقمۇ، بىز يەنىلا بىر ئورتاق گەۋدە. مېنىڭچە بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى مەنتىقە.

  ھىندونېزىيە ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى بامباڭ سۇليونو مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جۇڭگودىكى «جاھان ئاساسەن ئوخشاش» دېگەن روھنىڭ زامانىۋى يەشمىسى بولۇپ، بۇنىڭغا چوڭقۇر جۇڭگو پاراسىتى سىڭگەن. بۇ ئىدىيە يەرشارىنى ئوڭشاش تەرتىپى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق.

  سېربىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇنداق دېدى: ئورتاق تەقدىرىمىز تەرەققىياتنى قوغداش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. مۇشۇنىڭغا سىڭىپ كەتسەكلا، جۇڭگونىڭ بۇ تەشەببۇسى ئىنسانىيەتكە غايەت زور نەپ يەتكۈزىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ باش مەقسەتلىك سۆزىدە: «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، دېدى.

  يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتتىن «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغىچە، يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىدىن يەرشارىنى ئوڭشاش قارىشىغىچە، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى لايىھە، يېڭى تەشەببۇسلار ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتماقتا.

  ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى يۇكىيو خاتوياما مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئاستىدا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەنىمۇ تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماجىرالاردىن ساقلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

  تايلاند تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى، تايلاند-جۇڭگو مەدەنىيەت ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جۇڭگونىڭ تەڭ مەسلىھەتلىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، توقۇنۇشنى ئازايتىش، ئىشەنچنى چىڭىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  120 نەچچە دۆلەتتىكى 300گە يېقىن پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىدا ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالىدىغان، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدىغان ۋە ئەينەك قىلىدىغان يېڭىچە پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ قاتلاملىق خەلقئارا پارتىيەلەر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش كېرەك.

  فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى رافالان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى «يەرشارىنىڭ 21-ئەسىردىكى مۇھىم بۇرچى» دەپ ئاتاپ، بۇ تارىخىي بۇرچ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا موھتاج، پارتىيەلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، دېدى.

  رۇسىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى باش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سېرگى گېرىزنىياك مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىجادچانلىققا تولغان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگودا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىشتە غايەت زور رول ئوينىماقتا، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ماسلىشىشنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر