باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

2017.12.07 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن خۇاشەن 5-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 7-ئايدىن 11-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ۋەقە يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە ئۆلۈم يېتىم سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.1 ۋە %24.1 تۆۋەنلىدى، بىرقەدەر چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە ئۆلۈم يېتىم سانى %22.2 ۋە %23 تۆۋەنلىدى، پەۋقۇلئاددە چوڭ ۋەقەلەرنىڭ %38.5 ۋە %54 تۆۋەنلىدى.

  سۈن خۇاشەن مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق چوڭ تەكشۈرۈشنىڭ مۇنداق بىرقانچە ئالاھىدىلىكى بار، بىرىنچى، قانۇن ئىجراسى تىپىدىكى چوڭ تەكشۈرۈشتە مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇن بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ،قاتتىق جەرىمانە قويۇلدى، بۇ يىللىق چوڭ تەكشۈرۈشتە قانۇن ئىجراسى سانى زور دەرىجىدە ئاشتى، بولۇپمۇ ۋەقەدىن بۇرۇنقى جەرىمانە زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى، ئىككىنچى، قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۈچىنچى، باھالاش مېخانىزمى كىرگۈزۈلۈپ، جايلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى، مەسىلىنى تۈزىتىش ئەھۋالى، چوڭ تەكشۈرۈش مەزگىلىدىكى ۋەقە ئەھۋالى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، تۆتىنچى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، چوڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا ۋەقە ئومۇمىي سانى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەر ئۈنۈملۈك توسۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر