باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

2017.12.07 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋاشىنگتوندىكى ئاق سارايدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن ئېرۇسالىمغا كۆچۈرۈش مۇساپىسىنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كۆپەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

  شۇ كۈنىدىكى تېلېۋىزىيە سۆزىدە ترامپ: بۇ قارار «رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش»تۇر، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ ئۇيغۇن، دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئەلچىخانا كۆچۈرۈش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىشقا باشلاشنى بۇيرىدى.

  ئىسرائىلىيە 1948-يىلى دۆلەت قۇرغاندىن ھازىرغىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلمىغان.

  ترامپ 6-چېسلا قىلغان سۆزىدە: ئامېرىكا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلغان «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قوللايدۇ، دېدى. ئۇ يەنە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ پېنسىنىڭ كەلگۈسى نەچچە كۈن ئىچىدە ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلىپ، شۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ئامېرىكىنىڭ رادىكال كۈچلەرگە زەربە بېرىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئېرۇسالىم مەسىلىسى پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا پۈتكۈل ئېرۇسالىمنى «مەڭگۈلۈك، ئايرىلماس پايتەخت» دەپ جاكارلىدى، ھالبۇكى پەلەستىن تەرەپ شەرقىي ئېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىسرائىلىيەنى ئېرۇسالىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان نۇرغۇن دۆلەت ئەلچىخانىسىنى ئېرۇسالىمدا ئەمەس بەلكى تېل ئاۋىۋقا تەسىس قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر