باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى يېپىلدى

2017.12.07 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ كۈن ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى تۈنۈگۈن جېجياڭنىڭ ۋۇجېن بازىرىدا يېپىلدى، جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مېھمانلار كەڭ كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ پىكىر توپلاپ، كەڭ ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  2016-يىلى جۇڭگودا رەقەملىك ئىقتىساد ئومۇمىي كۆلىمى 22تىرىليون 580مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يەر شارىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %30.3گە يەتتى، دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ لىن بۇ قېتىم ۋۇ جېندىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاقىللار ئامبىرى مۇنبىرىدە ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق ئالىم يۈسۈف نەي مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېت كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىساق ئىنسانلارنىڭ تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىقى جەھەتتە بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن قائىدە بەرپا قىلىشى ئۈچۈن 20 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىزنىڭ دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى ئېچىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ئىنتېرنېتنى تەڭ بەرپا قىلىش، تەڭ بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇش. بۇ يىل خۇاۋېي 3gpp 5g ئالدىن سودىغا ئىشلىتىش سىستېمىسى، Arm بىخەتەر قۇرۇلمىسى، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئالدى بىلەن پەن تېخنىكا نەتىجىسى قاتارىدا ئېلان قىلىندى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو ئىنتېرنېت جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋۇ خېشۈەن ئىككى يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەردە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پەن تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىنتېرنېتنى قوللىنىش تەرەققىياتىدىن ھېس قىلغانلىرىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلقى يىغىندا شېنۋېي تەيخۇ نۇرى دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى، بۇ يىل بۇ تېخنىكىدا خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات بېدىن بېر مۇكاپاتى ئېلىندى، ئۆتكەن يىلقى يىغىندا كىۋانتلىق خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى، بۇيىل نۇر كىۋانتلىق ھېسابلاش ماشىنىسى چىقتى، كىۋانتلىق خەۋەرلىشىشتىن كىۋانتلىق ھىسابلاشقىچە بولغان بۇ جەريان بىر قېتىملىق تارىخىي ھالقىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر