باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 11 دۆلەتنىڭ يېڭىدىن جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلىگەن باش ئەلچىسىنىڭ دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2017.12.06 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا 11 دۆلەتنىڭ يېڭىدىن جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلىگەن باش ئەلچىسىنىڭ دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  قىشنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بېيجىڭنىڭ ئاسمىنى سۈپسۈزۈك ئىدى. «خەلق» سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكى سىرتىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىپقىزىل پاياندازنىڭ ئىككى يېنىغا رەتلىك تىزىلغان ئىدى. كانايچىلار تەبرىك كۈيىنى ياڭراتتى، يېڭىدىن جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلەر ئىلگىرى-كېيىن كېلىپ، پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەپ، بېيجىڭ زالىغا كىردى. ئەلچىلەر «بېيجىڭنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى» ئالدىدا تەرتىپى بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت خېتىنى سۇندى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. يېڭىدىن جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن بۇ 11 باش ئەلچى تۆۋەندىكىلەر: نورۋېگىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېدېرسېن، كورىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ يىڭمىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زاھىرى، رۇمىنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كونستانتىنېسكۇ، گامبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىسەي، ئېفىئوپىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېرھانى، ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارنېيرو، لىۋاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەبۇر، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بامباۋالې، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئونېن، پورتۇگالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇئارىت.

  شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يېڭى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قارشى ئالدى، ئۇلارغا ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلققە سەمىمىي سالىمىنى، ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى، باش ئەلچىلەردىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر