باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك م ك ئىشخانىسى ۋە گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى كەنت ئىشلىرى نازارەت كومىتېتى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.05 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا« كەنت ئىشلىرى نازارەت كومىتېتى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىرى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەنت ئىشلىرى نازارەت كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنت ئىشلىرىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىدىغان ئاپپارات، كەنت ئىشلىرى نازارەت كومىتېتى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى مەنبەيىدىن توسۇش، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  يېتەكچى پىكىردە مۇنداق ئومۇمىي تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنىپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، يېزا ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرى نازارەت كومىتېتى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتى ۋە كەنت كوللېكتىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق ئورنىدا تەۋرەنمەسلىكتە باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇش، كەنت ئىشلىرى نازارەت كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىش، ئورۇننى توغرا ئىگىلەش كېرەك، كەنت ئىشلىرى نازارەت كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مېخانىزم ۋە كەنت دەرىجىلىك خىزمەت ھەرىكەت مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشىدىكى ئاساسلىق شەكىل، قانۇن بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىپ، كەنت ئىشلىرى نازارەت كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ۋە قوللاپ، كەنت ئىشلىرىنىڭ ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر