باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن ۋە يەرلىكتىن تەشكىللەنگەن لېكسىيە ئۆمىكى تەشۋىقاتنىڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرلىق يولىنى ئاچتى

2017.12.05 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ لېكتورى ئەنۋەر ياسىن، ئۇچتۇرپان بازىرى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش ئەترىتى يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيەسىنىڭ 4-پولكى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى تېرىم كەنتى چېگرا قوغداش خادىملىرى ۋەزىپە ئۆتەش نۇقتىسى، يېڭىئاۋات چېگرا مۇداپىئە روتىسىغا بېرىپ، كادىرلار ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى، چېگرا قوغداش خادىملىرىغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلدى.

  قۇربان نىياز يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيەسى 4-پولكىنىڭ سەھنىسىدە دوكلات مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى مىساللار ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاي روھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى چۈشەندۈردى. سەھنىنىڭ تۆۋىنىدە 4-پولك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ چاۋچىن ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. ھەمدە ھەر بىر مۇھىم نۇقتىنىڭ يېنىغا ئۆگىنىش تەسىراتىنى يېزىپ قويدى. ليۇ چاۋچىن مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىيازنىڭ لېكسىيەنى ئاڭلاپ كۆپلىگەن چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، دېدى. ئۇ دوكلاتنى ئۆزىنىڭ خىزمىتى ۋە 19-قۇرۇلتاي روھىغا بولغان چۈشەنچىسىگە بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلدى، لېكسىيە مەزمۇنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك بولدى. مەن نەزەرىيە ئۆگىنىشىمنى دائىمىيلاشتۇرۇپ ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەمنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيىتىمگە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىمەن.

  شۇ كۈنى يېڭىئاۋات يېزىسى تېرىم كەنتى چېگرا قوغداش خادىملىرى ۋەزىپە ئۆتەش نۇقتىسىدىكى ئۆيدە ،لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ئەنۋەر ياسىن بۇ يەردە تۇرۇشلۇق چېگرا قوغداش خادىملىرىغا 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىن لېكسىيە سۆزلەپ مۇنداق دېدى : 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى مەزمۇنلار بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى جەزمەن تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇشتا تېخىمۇ بەختلىك بولىدىغانلىقىدىن سىگنال بەردى،بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى دۆلەت تىنچ باي قۇدرەتلىك بولغاندىلا خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدۇ. چېگرا قوغداش خادىملىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن ۋەتەننىڭ 1- مۇداپىئە لىنىيەسىنى ياخشى قوغدىشىڭلار، غايە ئېتىقادىڭلارنى چىڭىتىشىڭلار، پارتىيەنى ۋەتەننى يۇرتۇڭلارنى سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشۇڭلار كېرەك.

  بىر يېرىم سائەتلىك لېكسىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوفىتسېر ئەسكەرلەر پۇخادىن چىقمىغاندەك تەشۋىقات ئەترىتىدىكىلەرنى ئورىۋېلىپ كۆپرەك سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.ئوفىتسېر ئەسكەرلەر بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەسلى مەقسەتتىن يانماي، بۇرچنى ئەستە ساقلاپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر