باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 12-ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ شەندۇڭ كوماندىسىنى يەڭمىكى ئوڭايغا چۈشمەيدۇ

2017.12.05 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-دېكابىر، جياڭسۇ كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىشىدەك ياخشى ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ. نۆۋەتتىكى ھالىتى ناھايىتى ياخشى بولغان شەندۇڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن ساھىبخان بولۇپ مۇسابىقە ئوينايدىغان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇتۇشقا ئىشەنچى بار، بىراق شەندۇڭ كوماندىسىنى يېڭىش ئاسان ئەمەس، بۇ بەلكىم قىيىن ۋە كەسكىن بىر جەڭ بولۇشى مۇمكىن.

  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە CBA دىكى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ رىقابەت جېڭىدە، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر كوماندا مۇتلەق كۈچلۈك ھالەتتە بىرلەشمىنى مونوپۇل قىلالمىدى. شىنجاڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن، ئادامس ۋە بلاتچې گۇرۇپپىسى CBA دىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى چەت ئەللىك ئەزالار گۇرۇپپىسىدۇر. يېڭى پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان، گەرچە لياۋنىڭ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشيا كوماندىلىرىنىڭ كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، خېلى ھودۇقۇپ قالدى. ھېچقايسى كوماندىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنى يۈز پىرسەنت ئۇتالايمىز دەيدىغانغا ئىشەنچى يوق.

  جۇ چىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى كوماندىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى، بىراق يۈ چاڭدۇڭ بىلەن سۈن توڭلىننىڭ پىشىپ يېتىلىشى كوماندىغا نىسبەتەن كۆپ كۈچ قوشتى. بولۇپمۇ يۈ چاڭدۇڭنىڭ ھەر مەيداندا 14 نومۇر ۋە گاردىن قايتقان 7.5 توپنى ئېلىشىدەك نەتىجىسى دۆلەت ئىچىدىكى ۋاسكېتبول كوماندىلىرى ئەزالىرى ئىچىدە ھەقىقەتەن ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا، قىران بەكرى ۋە شىرئەلىمۇ خېلى زور ئەمەلىي كۈچكە ئىگە. 5-دېكابىردىكى مۇسابىقىدە يارىلىنىپ ئەسلىگە كەلگەن لى گېن مەيدانغا قايتىپ كەلدى، ئۇندىن باشقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە تاللىنىش مۇسابىقىسىدە دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان ئابدۇسالاممۇ ناھايىتى قالتىس رىقابەت ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر