باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تىرودو بىلەن 2-قېتىملىق جۇڭگو-كانادا زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزدى

ئىككى دۆلەت زۇڭلىسى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2017.12.05 16:33   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ تىرودو بىلەن 2-قېتىملىق جۇڭگو-كانادا زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا كانادا زۇڭلىسى تىرودو بىلەن 2-قېتىملىق جۇڭگو-كانادا زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزدى.

  لى كېچياڭ زۇڭلى تىرودونىڭ جۇڭگوغا يەنە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىغا ياخشى باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى يىللىق سۆھبىتى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىللىق ئۇچرىشىشى، ئىقتىساد-مالىيە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سۆھبىتى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كانادا كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە پاكىز ئېشىش قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىشنى بىردەك ماقۇللاپ، جۇڭگو-كانادا مۇھىت، پاكىز ئېنېرگىيە ئىككى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر سۆھبەتلىشىش يېڭى مېخانىزمىنى ئورناتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتىنى سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشتا چوقۇم دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىشتا چىڭ تۇتۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى توختىماي كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو كانادا بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-كانادا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇپمېتىرد…
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2018-يىللىق سەنئەت كەسپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە گۈزەل سەنئەت تۈرى،…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى باشلاندى
    ·بېيجىڭ قىزىل-سېرىق-كۆك يېڭى ماكان بالىلار باغچىسىنىڭ بىر مۇئەللىمى بالىلارنى خورلىغان دەپ گۇمان قىل…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ھەر بىر يەسلىگە بىردىن مەسئۇل مائارىپ مۇپەتتىشى سەپلەشنى تەلەپ قىل…
    ·مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياردەم …
    ·گەنسۇدا نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تاكى ئالىي كەسپىي مائارىپ باسقۇچىغىچە بولغان كۆپ تۈرلۈك ھەقل…