باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خانلىق مادرىد ئارقىدا قېلىپ C رونالدو تەنقىدلەندى

زىدانى «ئالدىمىزدا يول تېخى ئۇزۇن، ئۇنىڭغا سەل قارىمايلى»، دېدى

2017.12.06 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى زىدانى 5-چېسلا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، سىرتنىڭ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئامراق پۇتبولچىسى كرىستيانو رونالدونى ئەيىبلىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نۆۋەتتە، خانلىق مادرىد ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئورۇندىكى بارسىلونا كوماندىسىدىن سەككىز نومۇر ئارقىدا قالدى، خانلىق مادرېدتىكى بىرىنچى ماھىر توپچى بولغانC رونالدو بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئاران ئىككى توپ كىرگۈزدى، بۇ ئۇنىڭ بەزى تەنقىدلەرگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولدى.

  زىدانى خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن دورتمۇند كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسى ئالدىدا: «ئۇ بەك مۇنەۋۋەر بولغانلىقتىن، پەقەت سەل سۇسلىشىپ قالسىلا، كىشىلەر ئۇنى- بۇنى دەيدۇ، ئالدىمىزدا يول تېخى ئۇزۇن، بۇ مۇسابىقە پەسلى تېخى يېرىممۇ بولمىدى، C رونالدوغا سەل قارىمايلى»، دېدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، زىدانى تىرېنېرلىق قىلغان خانلىق مادىرىد كوماندىسى ئاللىقاچان ئۇدا 73 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزدى، لېكىن ئۆتكەن بىر نەچچە مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزەلمىدى. بۇنىڭغا قارىتا زىدانى مۇنداق دېدى: «ئەھۋالنىڭ ھامىنى ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. سىرتتىكىلەرنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق، ئۇلار مېنىڭ كۆرگىنىمنى كۆرمىدى، بۇ كوماندىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك».

  دورتمۇند بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ياۋرۇپا چىمپىيونلۇقى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خانلىق مادرىد 9– دېكابىر سېۋىللا كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، ئارقىدىن كۇلۇبلار دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر