خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كانادا زۇڭلىسى تىرودو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ تىرودونىڭ جۇڭگوغا يەنە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-كانادا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىنى ساقلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. جۇڭگو بىلەن كانادا ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە، بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى شۇ دۆلەت خەلقى ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئىككى تەرەپ تامامەن ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزسە بولىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى