سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 4-كۈنى كېنىيە پايتەختى نايروبىدا سۈرەتكە تارتىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك مۇھىت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك مۇھىت يىغىنى 4-دېكابىر كېنىيە پايتەختى نايروبىدىكى ب د ت مۇھىت يىرىك پىلانى باش مەھكىمىسىدە ئېچىلدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 4000دىن ئارتۇق سىياسىي، سودا ساھەسىدىكى باشلامچى شەخسلەر ۋە ئەلئارا ئاپپاراتلار ۋەكىللىرى كەلگۈسى ئۈچ كۈندە بۇلغىنىشقا زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى