باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇدا نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تاكى ئالىي كەسپىي مائارىپ باسقۇچىغىچە بولغان كۆپ تۈرلۈك ھەقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2017.11.21 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ تارقاتتى، ھەمدە مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش كاپالەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ياردەم بېرىش كاپالەت سىستېمىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق، «ئوقۇش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن» ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆلكە بويىچە ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتىنى 2015- يىلدىكى % 13دىن 2018 – يىلىغا بارغاندا %5كىچە چۈشۈرۈشكە تىرىشىپ، نامرات ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يەسلىدىن تاكى ئالىي كەسپىي مائارىپى باسقۇچىغىچە سۈپەتلىك ھەقسىز مائارىپنى قوبۇل قىلالىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  لايىھەدە يەنە مۇنۇلار ئېنىق دېيىلگەن: گەنسۇ ئۆلكىسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلدا 1000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە خىراجەت ئاجرىتىپ، ئۆلكە بويىچە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىدىكى گەنسۇ نوپۇسقا ئىگە بولغان ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان يەسلى بالىلىرىنى تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدىكەن. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلدا 2000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى گەنسۇ نوپۇسقا ئىگە بولغان 1- يىللىقتىن 3- يىللىققىچە بولغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈپ قىلىنىدىكەن. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى رەسمىي ئوقۇش تەۋەلىكىدىكى 1-، 2- يىللىق مەكتەپتىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە غەيرىي يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپتىكى ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ھەربىرىگە يىلىغا 2000 يۈەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

  گەنسۇ ئۆلكىسى يەنە ھازىرقى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ ۋە قارتا تۇرغۇزۇلغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدىكەن. ئۆلكە ئىچىدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 58 نامرات ناھىيە ۋە 17 تىپىك نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا، ھەر يىلى 5000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاب پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر