- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇپمېتىردىن ئاشتى
2017.11.30 16:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرىمىزنىڭ جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 29-نويابىر سائەت 15 كىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇپمېتىردىن ئاشقان.
ئوتتۇرا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق چەت ئەلدىن تەبىئىي گاز كىرگۈزىدىغان دۆلەت ھالقىغان يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2009-يىلى 12-ئايداA لىنىيە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بىر نەچچە يىلدا ھازىرقى A،B،C لىنىيەسى شەكىللەنگەن ھەم گاز يەتكۈزۈلۈپ، يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 55 مىليارد كۇپمېتىرغا يەتكەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر