- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى باشلاندى
2017.11.28 16:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2017-يىللىق دۆلەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ. بۇ پائالىيەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش تەشكىللىگەن، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارغا قارىتا مەخسۇس ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پائالىيەت 2003-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 14 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىلقىسى 15-نۆۋەتلىكى ھېسابلىنىدۇ.
مۇلازىمەت ھەپتىلىكى جەريانىدا، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى تورى (www.chrm.gov.cn)، جۇڭگو ئاممىۋى تەكلىپ قىلىش تورى (www.cjob.gov.cn)، جۇڭگو دۆلەتلىك ئىختىساسلىقلار تورى (www.newjobs.com.cn)غا چىقىپ، پائالىيەت مەخسۇس رايونىغا كىرىپ، مەملىكەت بويىچە توردا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ خىزمەت ئىزدىسە بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر