باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 150 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2017.11.23 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى نۇقتىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان توپنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە ئوبلاست، بولۇپمۇ قەشقەر ۋە خوتەن رايونىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن نىشان مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلاردىن بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇپ نامرات ئائىلە ئەمگەك كۈچلىرىدىن 153 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  22- چېسلا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىل شىنجاڭدا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، تۈرلۈك يوللار، كۆپ قاتلاملار ۋە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنلىرىنى كۆپەيتىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكتە، ئوتتۇرا، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار، «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» تۈرلەر ۋە سانائەت رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، پەسىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قانات يايدۇرۇش، ئۆز يېرىدە ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش دېگەندەك بىر قاتار خىزمەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە كەنتنى قاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ھېساب سېلىشتۇرۇپ نومۇر ئۆچۈرۈش، قەرەللىك تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىش، ھەمدە سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ رولىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەر ۋە يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش نۇقتىلىرىغا ۋە كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇش دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەيدىغان دائىرىگە كىرگۈزۈلدى.

  بۇ يىل شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان بىر پىلاندا، يەنى قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئىككى جايدا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك بۇ پىلاندا نىشانلانغان ۋەزىپىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشى يېتەكچى قىلىنغان يېڭىچە بىر مېخانىزم، يەنى شىنجاڭنىڭ ئىچىدىلا تەشكىللىك ھالدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك يېڭىچە مېخانىزم دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىش ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر