باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىئو ئاۋىئاتسىيە كىرسىنىنى يېقىلغۇ قىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم ئوكيان ئاتلاپ ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2017.11.23 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «يېمەك-ئىچمەك كېرەكسىز يېغى»نى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئاۋىئاتسىيە كىرسىنىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 2 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، خەينەن ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىنىڭ 1-نومۇرلۇق بىئو ئاۋىئاتسىيە كىرسىنىنى قاچىلىغان HU497-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى «بوئېئىڭ» 787 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئامېرىكا چىكاگو ئوخارى خەلقئارا ئايرودرومىغا سىلىق قوندى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان 1-نومۇرلۇق بىئو ئاۋىئاتسىيە كىرسىنىنى يېقىلغۇ قىلغان سودا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆكيان ئاتلاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئوكيان ھالقىغان يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىئو ئاۋىئاتسىيە كىرسىنىنى جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھىغا قاراشلىق جېنخەي خىمىيە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان، يېمەك-ئىچمەك كېرەكسىز يېغى خام ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، 15:85 نىسبىتى بويىچە ئادەتتىكى ئاۋىياتسىيە كىرسىنىگە تەڭشەپ ئىشلەپچىقىرىلغان.

  بۇ، 2013-يىلى، تېخنىكىلىق دەلىللىنىپ سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇلغان، 2015-يىلى ئېلىمىزدىكى سودا نۆۋەتچى ئايروپىلانى تۇنجى قېتىملىق ئەمەلىي ئۇچقاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق يېڭىلىق بولۇپ، بۇ، ئېلىمىزنىڭ بىئو ئاۋىئاتسىيە كىرسىنىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر