باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى كورېيە تەرەپنىڭ «ساد» مەسىلىسىنى داۋاملىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى

2017.11.23 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 22- نويابىر بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاڭ جىڭخې بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتى ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، يېقىندا ئىككى تەرەپ ئورتاق خەۋەر ئېلان قىلىش ئارقىلىق «ساد» مەسىلىسىنى باسقۇچلۇق بىر تەرەپ قىلىشتا بىر قىسىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىگە كىرمەيدىغانلىقى ھەمدە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ساد» سىستېمىسىنىڭ جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىق بىلدۈرگەن ئىپادىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگودا «گېپى گەپ بولۇش، ھەرىكىتى كەسكىن بولۇش»، دەيدىغان سۆز بار. بىز كورېيەنىڭ داۋاملىق بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئالدىنقى كۈنلەردە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭلى لى كېچياڭ ئايرىم- ئايرىم زۇڭتۇڭ مۇن جائىن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، ئۆزئارا چۈشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشنى خالايمەن. ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو زىيارىتىڭىزدە چوقۇم ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر