باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابى ئىستېپا بەردى

2017.11.22 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ، زىمبابۋې خارارېدا بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان ماتېرىيال سۈرىتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زىمبابۋې ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ياكوب مۇدېندا 21- چېسلا، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى روبېرت مۇگابىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى، ھەمدە ئۇ ئىلتىماسنىڭ تەستىقلىنىشىنىڭ دەرھال ئىناۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مۇدېندا پارلامېنتنىڭ كېڭەش ۋە ئاۋام ئىككى پالاتاسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا، مۇگابىنىڭ شۇ كۈنى كەچقۇرۇن پارلامېنتقا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماس خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. دەل شۇ پەيتتە، ئىككى پالاتانىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا مۇگابېنىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەكلىپ بېرىش ئىشى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، مۇگابىنىڭ ئىستېپا بېرىش ئىلتىماس خېتىنى پارلامېنتقا تاپشۇرۇپ بېرىشى بىلەن، ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەكلىپ بېرىشمۇ ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلاشتى. مۇدېندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارلامېنتنىڭ قانۇنىي تەرتىپى ئارقىلىق، يېڭى زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقىشنىڭ ئۇسۇلى 22- چېسلا بېكىتىلىدۇ.

  مۇگابى ئېستىپانامىدە شۇنى بايانات قىلغانكى: ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە بولغان. ئۇ يەنە، ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىنىڭ مۇقىملىقچە ۋە تىنچلىقچە ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىمۇ ئۈمىد قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر