خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، شىنجاڭ چىرا ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىنغان بىر جاينىڭ كۆرۈنۈشى بولۇپ، بۇ جاي، نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن باشقا جايغا كۆچۈرۈش سىناق رايونى.
بۇ سىناق رايونىدا، يۈرۈشلەشكەن ئېغىل، سۇ تېجەپ سۇغىرىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىسادىي ئورمان قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار بولۇپ، نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كاپالەتكە ئېرىشىدۇ (2- نويابىر فوتوسى).
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭدىكى بىپايان كەڭ زېمىندا باشلانغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى مانا ئەمدى ئەۋج ئېلىپ، ئىلگىرىكى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشتىن، ھازىرقىدەك چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشكە تەرەققى قىلدى، ئىلگىرىكى سىستېما قۇرۇشتىن ھازىرقىدەك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىلدى، پۈتۈن پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى، ھەم شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما بىر نىيەتتە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە توغرا تەدبىر قوللىنىش نەتىجىسىدە، قاقاس قۇملۇق ۋە ئېگىزلىككە جەڭ ئېلان قىلدى. نەتىجىدە، نۆۋەتتە بىر مىليون 390 مىڭ نامرات ئاھالە ۋە 1286 نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى