خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇمباسا-نايروبىي ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 480 كىلومېتىر، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى قاتناش باشلانغان، شەرقتە كېنىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پورت شەھىرى مۇمباسادىن باشلىنىپ، غەربتە پايتەخت نايروبىيغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ، كېنىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ياسالغان تۇنجى تۆمۈريول بولۇپ، تۆمۈريولنى جۇڭگو يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياسىغان، پۈتۈن لىنىيە بويىچە بىردەك جۇڭگو ئۆلچىمى ئىشلىتىلگەن. قاتناشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى مەزگىلدە، مۇمباسا-نايروبىي لىنىيەسىدە بېرىپ-كېلىش ئۈچۈن كۈندە پەقەت بىر جۈپلا بىۋاسىتە يولۇچىلار پويىزى سېلىنغان، 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مۇمباسا-نايروبىي تۆمۈريولىغا 2-جۈپ يولۇچىلار پويىزى سېلىنغان، باش ۋە ئاخىرقى بىكەتتىن باشقا، بۇ يولۇچىلار پويىزى يەنە كىبۋېزى قاتارلىق يەتتە بېكەتتە توختايدىغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى پۇقرالارنىڭ سەپىرى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى