باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جاراڭلىق ساداسىغا قۇلاق سالايلى

__ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنام، لائوستا زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا

2017.11.16 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنى سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەت ۋىيېتنام، لائوستا قىلىشنى تاللىدى.

  يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە. بۇ جايلارنىڭ غايە، ئىرادىسى بىز بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، شۇنداقلا بىز بىلەن قېرىنداشلارچە دوستلۇق ئورناتقان. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ھازىرقى دەۋرنىڭ دولقۇنىدا يېڭى شەرەپ قۇچتى.

  تۇنجى زىيارەت دىققەتنى تارتتى

  پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئاخىرلىشىپ يېرىم ئايدىن كېيىن، شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  خانويدا 26 سائەت؛ ۋىيېنتياندا 25 سائەت تۇردى. ۋىيېتنام بىلەن لائوس جۇڭگوغا نىسبەتەن سىياسىي ئىدىيەسى، تەرەققىيات يولى ئوخشىشىپ كېتىدىغان سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەتلەر، جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسىدىن ئىبارەت قوش سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدە ئىككى دۆلەتكە بېرىپ، دۇنياغا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشتەك ئېنىق سىگنالنى تارقاتتى.

  ھەر بىر چەت ئەل رەھبىرى سۆھبەت جەريانىدا ج ك پ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنى تىلغا ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ قۇرۇلتاينىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتكەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى. لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق دېدى: جانابلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۈكسەك ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. ج ك پ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىياتى، رايونلار ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، دوستلۇقى، ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر