باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭ-دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ 2-تومىنىڭ خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە نەشرى كىتو خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىگە قويۇلدى

2017.11.15 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلىش-تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ-دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكامىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ 2-تومى خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە نەشرى نەشر قىلىنىشى بىلەنلا ئېكۋادورنىڭ «200 يىللىق مەدەنىيەت» مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 10-نۆۋەتلىك كىتو خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىگە قويۇلۇپ، مۇشۇ ساھەدىكىلەر ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، خەلق نەشرىياتى ۋە جۇڭگو كىتاب ئىمپورت-ئېكسپورت (گۇرۇھ) باش شىركىتى ئۆمەك تەشكىللەپ بۇ قېتىمقى كىتو خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇردى. بۇ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو نەشرىيات ساھەسى قاتناشقان تۇنجى خەلقئارالىق كىتاب كۆرگەمىسى ھېسابلىنىدۇ.ئېكۋادور مەدەنىيەت مىراسلىرى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى پاسمىنىئو يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ-دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكامىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتاب ئېكۋادورۇلۇقلارنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئەندىزىسىنى چۈشىنىشىدىكى مۇھىم پايدىنىلىش ماتېرىيالى بولۇپ، 2-تومنىڭ ئىسپانچە يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ تېز نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ نۆۋەتلىك كىتاب كۆرگەزمىسى جۇڭگو كۆرگەزمە سۇپىسىغا ئاساسلىقى 200 خىلغا يېقىن ئېسىل كىتاب قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېقىندا نەشر قىلىنغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ھۆججىتى ۋە ئۆگىنىش، يېتەكلەش ئوقۇشلۇقى «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» قاتارلىق مۇھىم كىتابلار تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى. بولۇپمۇ «شى جىنپىڭ-دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكامىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ 2-تومىنىڭ خەنزۇچە-ئىنگىلىزچىسى جۇڭگو كۆرگەزمە ئۆمىكىنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. كىتو خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىنى ئېكۋادور مەدەنىيەت مىراسلىرى مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر