خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن بىللە ۋىنتىياندا ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ ئولتۇرغان پىكاب ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بېن ياڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ئۇنى كۈتىۋالدى. شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسى تۈرىنىڭ كۆرۈنمە مودىلىنى بىرلىكتە كۆردى، جۇڭگولۇق باش ئارخىتېكتورنىڭ بۇ تۈر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ئۇل سېلىش مۇراسىمى باشلانغاندا، شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ بىرلىكتە ئۇل تاشقا توپا تاشلاپ، ئۈستىگە گۈل چاچتى.
ئۇل سېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ بىللە دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانا بىناسىغا بېرىپ، جۇڭگودىن لائوسقا ياردەمگە كەلگەن كۆز كېسەللىكلىرى تېببىي خادىملىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق تېببىي خادىملارنىڭ يورۇقلۇق ۋە دوستلۇق ئەلچىلىرى سۈپىتىدە لائوستىكى بىمارلارغا يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، جۇڭگو-لائوس دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى چىڭىتىشقا پائال تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىرناتسىئونالىزملىق روھنى نامايان قىلغانلىقىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىپ، جۇڭگولۇق تېببىي خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. تېببىي خادىملار نەق مەيداندا جۇڭگولۇق دوختۇرلار ئوپىراتسىيە قىلىپ ساقايتقان كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئىككى لائوسلۇق بىمارنىڭ كۆزىدىكى تېڭىقنى ئېلىۋەتتى. شى جىنپىڭ بۇ ئىككى بىمارنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىغا، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكەن لائوسلۇق بىمارلار ھاياجانلانغان ھالدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن تېببىي خادىملارنىڭ ئۆزلىرىنى داۋالاپ، قايتىدىن بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى