خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋىنتىيانغا يېتىپ بېرىپ، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ۋىنتىياندىكى ۋادەي خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلاندىن چۈشكەندە، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەن كەن، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ۋىنتىيان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە شەھەر باشلىقى شىن لافېڭ، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۇڭ سەي قاتارلىقلار قىزغىن كۈتۈۋالدى. لائوس ياشلىرى شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇردى.
شى جىنپىڭ ئايروپورتتا يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن قېرىندىشىمىز لائوس پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لائوس كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 56 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋى ئىناق قوشنىدارچىلىقى ۋە دوستلۇقى خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇردى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. زىيارەت مەزگىلىدە، مەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ قاتارلىق لائوسنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەم لائوسنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن جۇڭگو-لائوس ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى