خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆزى چۈشكەن ۋىنتىياندىكى مېھمانسارايدا لائوستىكى بېنشېنا جەمەتىدىكى دوستلار بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كونا ساۋاقداشلىرىم، كونا دوستلىرىم بىلەن قايتا جەم بولدۇم، سىلەرنىڭ سالامەت تۇرىۋاتقانلىقىڭلارنى، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم. بېنشېنا جەمەتى جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، كونا دوستى. بۇ بىرنەچچە يىلدا كۆپچىلىك ئوخشىمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. سىلەرنىڭ جۇڭگو-لائوس دوستلۇق ئىشلىرىغا داۋاملىق ئاتلىنىپ، ئەۋلادلىرىڭلارنى ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بېنشېنا جەمەتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقى ئىككى دۆلەت دوستلۇقىدىكى قىززىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپلا قالماي، دۆلەتلەر ئارا باراۋەرلىكنى تەكىتلەش، ھېسسىياتقا ئەھمىيەت بېرىشتىكى ئۈلگە بولۇپ قالدى. سىلەر جۇڭگو-لائوس مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى چۈشۈنىسىلەر، ھازىر يەنە ئىككى دۆلەت دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ بىۋاسىتە قاتناشقۇچىسى بولۇپ، جۇڭگو-لائوس دوستلۇق ئەلچىسىلىك ۋە كۆۋرۈكلۈك رولىنى زىممەڭلەرگە ئېلىۋاتىسىلەر. لائوس جۇڭگونىڭ يېقىن دوستى. ھازىر جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەمكارلىق بوشلۇقى تېخىمۇ كەڭ. مەن بۇ قېتىم لائوستا زىيارەتتە بولۇپ، لائوسنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. بىز ئىككى دۆلەت پېشقەدەم رەھبەرلىرى دوستانە بېرىش-كېلىش قىلغان ئەنئەنىۋى تارىخنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس دوستلۇقىغا داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ بېنشېنا جەمەتىدىكى ياشلارغا ئالاھىدە تاپىلاپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ياشلار ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا جۇڭگو-لائوس دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى. سىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇقىنىڭ ۋارىسى ۋە ئىزباسارلىرى بولۇپ، جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو-لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى