خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋىنتىيان دۆلەت يىغىن مەركىزىدە لائوس زۇڭلىسى توڭ لۇن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لائوس تاغ-دەريالىرى تۇتاش كەتكەن دوستانە قوشنا دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن ئىككىمىز بىردەك يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭگو-لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك دەپ قارىدۇق. جۇڭگو لائوس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائوسقا قارىتىلغان دوستانە سىياسىتىنى داۋاملىق قەتئىي يولغا قويىدۇ، لائوس خەلقىنىڭ يېڭى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن لائوس يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇداپىئە ۋە قانۇن ئىجراسى، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان جۇڭگو-لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ھەمكارلىق جەھەتتە بىر بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-لائوس ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئېنېرگىيە مەنبەسىنى، ئېلېكتىر كۈچى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىشى، مائارىپ، داۋالاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى جۇڭگو-لائوس ھەمكارلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرىشى، بالدۇرراق نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر بىرىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو لائوسنىڭ لەنساڭجياڭ-مېكوڭ دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ 2018-يىلدىكى ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى قوللايدۇ.
توڭ لۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىش يېڭى مۇساپىسىدە چوقۇم يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ، لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغىمۇ غايەت زور ئىلھام بېرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى