باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەيدان ئۇسسۇلى تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2017.11.14 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 13-چېسلا «دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مەيدان ئۇسسۇلى تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى چىقاردى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: مەيدان ئۇسسۇلى تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشتىن مەقسەت شۇكى، مەيدان ئۇسسۇلى بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى جەريانىدا نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ ھەر دەرىجىلىك تەنتەربىيە تارماقلىرىنىڭ مەيدان ئۇسسۇلى تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى قوللاش، مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى ياخشى سۈپەتلىك ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: يەنى، ھەر قايسى ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتارلىق جايلار ۋە ئورۇنلاردىكى ھەرقايسى تەنتەربىيە ئىدارىلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مەيدان ئۇسسۇلى پائالىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. كونكرېت تەلەپلەر تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، مەيدان ئۇسسۇلى تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى مۇۋاپىق مەيدانلار بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش؛ مەيدان ئۇسسۇلى تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش؛ مەيدان ئۇسسۇلى تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنى تەشكىللەشنى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ مەيدان ئۇسسۇلى تەن ساغلاملىقى پائالىيىتىنىڭ تارماقلار ھەمتۈرتكىلىكى ۋە كۆپ تەرەپ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشىشىدەك باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر