باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭىدىن ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئىستودېنتلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ رىغبەتلەندۈردى

ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتەك تاۋلىنىپ چىقىڭلار

2017.09.26 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭىدىن ھەربىي سەپكە قاتناشقان سەككىز ئىستودېنتىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ قەلەمنى تاشلاپ ئەلەمنى ئېلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىدىغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە ئاتلىنىپ، ياشلىق باھارىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش غايىسىنى كۆڭلۈڭلەرگە پۈكۈپ، مەكتەپ بىلەن ۋاقتىنچە خوشلىشىپ، ھەربىي گازارمىغا ئاتلانغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم. سىلەرنىڭ بۇ ئىرادەڭلەر ۋە قايناق ھېسسىياتىڭلاردىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قەدىمدىن تارتىپ، غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە قەلەمنى تاشلاپ ئەلەمنى ئېلىپ، ۋەتەن ۋە يۇرتقا جاۋاب قايتۇرىدىغان چوڭقۇر ھېسسىيات بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگاھقا ئاتلىنىپ، ئىسسىق قېنى ۋە قىممەتلىك ھاياتى ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە بېغىشلاش روھىنىڭ نېمىلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. ھازىر سىلەر ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىڭلارنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىرادىلىك ياشلارغا يېڭى ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىدىغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە ئاتلىنىپ، ئارمىيەدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى ئىشقا سېلىپ، گازارمىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پېچتا پولاتتەك تاۋلىنىپ، ياشلىق باھارىڭلارنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر