باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ 3- نۆۋەتلىك مۇنبىرى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

2017.09.25 16:27   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ 3- نۆۋەتلىك مۇنبىرى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، بېيجىڭدىكى "جۇڭگو مىللىي سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى"نىڭ زالىدا، «بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ 3- نۆۋەتلىك مۇنبىرى» داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ مۇنبەرگە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى يولداش ۋاڭ مېڭ ۋە جۇڭگو مىللىي سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش لەن جۈن قاتارلىق ئەربابلار، ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى سەرخىللار، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ، جەمئىي 200دىن ئارتۇق كىشى «ياشلىق ۋە غايە ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىش» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆزئارا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشتى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەردە «پارتىيە ۋە دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مەزمۇن ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش» يادرولۇق پىرىنسىپ قىلىنىپ، بېيجىڭدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا يۈزلەنگەن ھالدا، يۇرتداشلارغا تەسىر كۆرسىتىش، بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىدىن بىرى دەيدىغان ئاڭ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان.

  ياشلار دېمەك، بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دېمەكتۇر. شۇڭا ئۇلار جەمئىيەتنى كەلگۈسىگە يېتەكلىيەلەيدۇ. ياشلار دېمەك، بىر خىل پوزىتسىيە دېمەكتۇر. شۇڭا ئۇلار يېڭىلىق يارىتالايدۇ ۋە دەۋرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ياشلار دېمەك، بىر خىل قىزغىنلىق دېمەكتۇر. شۇڭا ئۇلار جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن توختىماي تىرىشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە «نەزمىنامە»دىكى «دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچى يېڭىلىق يارىتىشتا»، دېگەن ئىبارىنى نەقىل ئالغان، ئارقىدىن يەنە «ئۆزگىرىشنامە»دىكى «ئالەم توختىماي ئايلىنار، كىشىلەرمۇ توختىماي ئىلگىرىلىمىكى زۆرۈردۇر»، دېگەن ئىبارىنى، شۇنداقلا شاڭ تاڭنىڭ «پەنمىڭ» ناملىق ئەسىرىدىكى «ئەگەر بىر كۈن يېڭىلىق ياراتساڭ، ھەر كۈنى يېڭىلىق يارات، يېڭىلانسا يەنىمۇ يېڭىلا»، دېگەن ئىبارىسىنى ئىشلەتكەن، بۇ يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئەۋزەللىكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ دۆلەت- مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەر بولسا، ياشلار روھىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ساھەلەردىكى سەرخىللارنى تەكلىپ قىلىپ، بېيجىڭدىكى قېرىنداشلارغا دۇنيانى چۈشىنىشتىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى ئۆگەتتى. مۇنبەر كۆپچىلىكنى شۇلارغا چاقىردىكى، ئۇ بولسىمۇ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆز-ئۆزىنى نامايەن قىلىش ۋە كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇش؛ ئاكتىپ ھالدا يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش؛ ھەمدە جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق ۋە گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەردە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋاڭ مېڭ ئەپەندى ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى 15 يىللىق سەرگۈزەشتىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. مەيداندىكى ھەر بىر ئادەم يولداش ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئاشۇ يالقۇنلۇق يىللىرى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭنى مەڭگۈ سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئارقىلىق، كۆپچىلىك بىردەك تونۇشقا كېلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تۇيغۇسىنى چوقۇم ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى چوقۇم قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بەرپا قىلىش، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلارغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياشلارنىڭ پۇرسەتنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياشلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلار چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يول ئاچقۇچىسى، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ياخشى بولغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىنىڭ ئىشتىراكچىسى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگۈچى بولۇشى كېرەك. بۇ مۇنبەر ئىزچىل تۈردە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلگەن بولۇپ، داۋاملىق تۈردە جايلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئىلغار تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەتتىكى دوستلار بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، بىرلىكتە ئالغا بېسىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تولۇپ تاشقان ياشلىق كۈچىنى قوشۇشقا تىرىشىپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا ناھايىتى كۈچلۈك ھالدىكى ياشلىق ئارزۇسىنى ئاتا قىلىدۇ.

  مىللەتلەر نەشرىياتى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دولقۇن قادىر «بىر بەلباغ، بىر يولنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنىڭ ئانالىز قىلىنىشى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك ھالدا: بۇ مۇنبەردە بېيجىڭدا ھەر ساھەدە ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلاردىكى سەرخىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ پۇرسىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشتى، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى، دەپ قارىدى، ھەمدە بېيجىڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەيسەرلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشىنى، جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇنبەردە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، بېيجىڭ ۋېيجو داۋالاش پەن-تېخنىكا شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇلىتىپ قاتارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچى مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمىلىرى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشلىرى، يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ پۇرسىتى ۋە مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارغا بولغان تونۇشلىرى ئۈستىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. «قوللىنىشچان بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش» باسقۇچىدا، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى مۇتەللىپ ۋە بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ جۇڭيىچە-غەربچە داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن ئادىلجان دوختۇر قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «كەيپىيات باشقۇرۇش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەش» ۋە «بېيجىڭدا كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش ئەھۋالى ۋە داۋالىنىش قوللانمىسى» قاتارلىق تېمىلاردا نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىلەن پاراڭلاشتى، ھەمدە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ 3- نۆۋەتلىك مۇنبىرىنى جۇڭگو مىللىي سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتى قوللىغان بولۇپ، بۇ ياشلار مۇنبىرى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى بۇ مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. شۇ ئارقىلىق، بۇ ياشلار مۇنبىرى پائالىيىتىگە قاتناشقان ياشلارنىڭ ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى بىر-بىرى بىلەن سوقۇلۇپ ئۆزئارا ئۇچىرىشىۋاتقان پەيتلەردە ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى قايتىدىن تونۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ ياراتقۇچىلىرى، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى ۋە گۈزەل جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى