باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى

دەسلەپكى ئىمتىھان بۇ يىل 12- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتقا بېكىتىلدى

2017.09.05 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ مېي 1- چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە، ئەمما، ئىمتىھان بېرىدىغان ۋاقىت ئۈچ سائەتتىن ئاشىدىغان ئىمتىھان 12- ئاينىڭ 25- كۈنى ئېلىنىشقا بېكىتىلدى.

  2018- يىلى مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھانى بىردەك يازما ئىمتىھان شەكلىدە بولىدۇ. 12- ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىدىيەۋى- سىياسىي نەزەرىيە ۋە باشقۇرۇش تۈردىكى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ، 12- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن چەت ئەل تىلى ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 12- ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەسپىي دەرس 1 ۋە كەسپىي دەرس 2 ئېلىنىدۇ، 12- ئاينىڭ 25- كۈنى ئىمتىھان بېرىدىغان ۋاقىت ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن پەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم توردا تىزىمغا ئالدۇرۇشى، ھەمدە ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ نەق مەيدانىغا بېرىپ توردا تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ۋە ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ئېلىش قاتارلىق ئالاقىدار ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلارنى بېكىتىشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىش پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر