باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئىشتاتنىڭ بىر ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا 49 بوۋاق قازا قىلدى

2017.09.05 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ 4–سېنتەبىر جاكارلىشىچە، 20-ئىيۇلدىن 21- ئاۋغۇستقىچە، مەزكۇر ئىشتاتتىكى فاررۇكاباد ناھىيەلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا 49 بوۋاق قازا قىلغان. ئۆلۈش سەۋەبى ئوكسىگېن ۋە دورا يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: 20- ئىيۇلدىن 21-ئاۋغۇستقىچە فاررۇكاباد ناھىيەلىك ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىسىدا يېڭى تۇغۇلغان 30 بوۋاق ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 19 بوۋاق تۇغۇلۇش جەريانىدا قازا قىلغان. ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت مەزكۇر ناھىيەنىڭ باش مەمۇرى ۋە دوختۇرخانىدىكى باش دوختۇر قاتارلىق ئالاقىدار ئۈچ ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ھەمدە ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 30 بوۋاق ئوكسىگىن يېتىشمىگەنلىكتىن تۇغۇتتا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا 19 بوۋاقنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئېلان قىلىنمىغان. ئۆلۈپ كەتكەن بوۋاقلارنىڭ ئاتا–ئانىسىنىڭ دېيىشىچە، بوۋاقنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئوكسىگېن ۋە دورا يىتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

  يېقىندا ھىندىستاندا بالىلارنىڭ دوختۇرخانىدا مەركەزلىك قازا قىلىش ۋەقەسى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى.

  ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 8-ئايدا، شىمالىي ئىشتات گورباكىر ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا ئاز دېگەندە 170 بالا قازا قىلغان. دوختۇرخانا تەرەپ: «بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى داۋالاش ھادىسىلىرى ياكى داۋالاش بۇيۇملىرى كەمچىل بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئاساسلىقى ئۆتكۈر مېڭە ياللۇغى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر