باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

ئۇ: «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى ئورتاق يارىتىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2017.09.04 15:16   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى شيامېن «خەلقئارا» كۆرگەزمە مەركىزىدە «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى <ئالتۇن 10 يىلى>نى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى ئورتاق يارىتىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق 5 دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا بەخت يارىتىشى، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مەيدانغا كىردى. شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقى كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى باسىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرىۋاتىدۇ. ئۆتكەن 10 يىلدا، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ 10 يىلدا، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى؛ ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈدىغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى؛ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقئارا سەھنىدە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئىزدەندى. ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىش، پەرقلەرنى ساقلاش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكۈش، ئورتاق مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش «كېسەك ئالتۇن» روھىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا 5 دۆلەت 10 يىل ھەمكارلىشىپ توپلىغان ئورتاق قىممەت قارىشى. ھازىر، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان يوشۇرۇن كۈچى ۋە يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىمىز بار.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ۋەزىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: سودا-سانائەت ساھەسى «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاساسىي كۈچ. 10 يىلدىن بۇيان، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىغا يۇغۇرۇپ، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. سودا-سانائەت ساھەسىنىڭ ئۇچۇر، تېخنىكا، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، دۆلەتكە ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىككىنچى 10 يىلنى كۈتۈۋالىدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە ئورتاق تىرىشىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق 5 دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشىمىز، دۇنيانىڭ تېنچلىقى، تەرەققىياتى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ھەم ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
    ·بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…