خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئاۋغۇست، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى خيۇستوندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما جورجى بۇلاڭ يىغىن مەركىزىدە پاناھلاندى. قارا بوران «ھارۋېي» ئېلىپ كەلگەن كۈچلۈك يامغۇر ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى خيۇستون رايونىدا ئاز كۆرۈلىدىغان كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ھۆكۈمەت ئېچىپ بەرگەن ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىدا پاناھلىنىپ، پاناھلىنىش ئورنىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. ھازىر خيۇستون رايونىدا جەمئىي 17 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم پاناھلىنىش ئورنىدا پاناھلىنىۋاتىدۇ، خيۇستوندىكى ئەڭ چوڭ پاناھلىنىش مەركىزى بولغان جورجى بۇلاڭ يىغىن مەركىزى قوبۇل قىلغان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما 9000دىن ئاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى