خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4–سېنتەبىر سۇ پومپىىسى ئارقىلىق جۇخەي شەھىرى شياڭجۇ رايونىنىڭ ئويمان جايىدىكى سۇ چىقىرىلماقتا.
تەيفېڭ بورىنى «ماۋا»نىڭ تەسىرىدە، گۇاڭدۇڭ جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شەھەر- ناھىيەلەردە ۋە گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا قارا يامغۇر ياغدى.
4–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، جۇخەي، جۇڭشەن، دوڭگۇەن، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى قارا يامغۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش قىزىل سىگنالى چىقىرىلدى. جۇخەي شەھەرلىك ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئىشتابى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، شەھەر بويىچە بارلىق مەكتەپلەر دەرس توختاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى