خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى شيامېندا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن بۇ يىل 7-ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورنىتىلىپ بولغان سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا يۈكسەك ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاش سالمىقىنى قەتئىي ئاشۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېلېكتىر قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېز قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىداش رايونلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارادىكى كۆپ تەرەپ سورۇنلىرىدىكى ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۈتىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققى قىلىپ گۈللىنىشىگە ياردەمچى كۈچ بولۇپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىشىپ كۈچ چىقىرىپ قوغداشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى