باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

پۇقراۋى مەكتەپلەر ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارلىشى كېرەك

2017.08.30 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» 9-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. قارار بويىچە، پۇقراۋى مەكتەپ قۇرغۇچىلار پايدا ئالمايدىغان ياكى پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك پۇقراۋى مەكتەپ قۇرۇشنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ، لېكىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويىدىغان پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك پۇقراۋى مەكتەپ قۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  «قارار»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: پۇقراۋى مەكتەپلەر ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى مەكتەپ قۇرۇش تەننەرخى، بازار ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىشى، جەمئىيەتكە ئاشكارلىشى، شۇنداقلا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ؛ پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ، مەكتەپ ئۆزى بېكىتىدۇ. پۇقراۋى مەكتەپلەر ئالىدىغان ھەقلەر ئاساسلىقى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيىتى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  «قارار»غا ئاساسەن، پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى مەكتەپ قۇرغۇچىلار مەكتەپ قۇرۇشتىن پايدا ئالماسلىقى، مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش قالدۇقىنى پۈتۈنلەي مەكتەپ باشقۇرۇشقا ئىشلىتىشى كېرەك. پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك پۇقراۋى مەكتەپ قۇرغۇچىلار مەكتەپ باشقۇرۇشتىن پايدا ئالسا بولىدۇ، مەكتەپ باشقۇرۇش قالدۇقىنى شىركەت قانۇنى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. پۇقراۋى مەكتەپلەر مەكتەپ قۇرۇش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن، قانۇنىي ئىگىسىنى تىزىملىتىشى، تىزىملاش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

  ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسى يان تېلېفوننىڭ دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى، كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

  جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكى، جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىچىلىكى ۋە جۇڭگو تېلېگرافىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يان تېلېفوننىڭ دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى، كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 80 مىليون خېرىدارغا نەپ يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تېلېگرافى يەنە خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى ۋە سانلىق مەلۇمات كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تىجارەتچىلەر 3G، 4G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدىكى يان تېلېفوننىڭ دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى، كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئاللىبۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش سۆزلىشىش ھەققى ئالغاچقا، بۇ قېتىم يان تېلېفوننىڭ دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى، كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى تەلتۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇشى دۆلەت ئىچىدىكى 3G، 4G ئابۇنىتلىرىغا ئاساسىي جەھەتتىن تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن، ئاساسلىقى 2G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئابۇنتلىرىنى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۈرىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋە ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسى سۈرئەتنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللاندى، مەسىلەن، ئېقىم مىقدارىنى نۆللەشتۈرمەسلىك سىياسىتى، ئېقىم مىقدار ھەققىنى كۆپ تەرەپتىن تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. كەلگۈسىدە ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسى سۈرئەتنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ملۇشۇ كەسىپ ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تور سۈرئىتى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى تېخىمۇ چوڭ بوشلۇققا ئىگە قىلىدۇ.

  ئوقۇش بىلەن ئىگىلىك تىكلەشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بەلگىلىمىدە ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەش جانلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى، ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بەلگىلىمە بويىچە، ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئوقۇش يىل چېكى ئايرىم بېكىتىلىدۇ ۋە ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاشنى تەستىقلاش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ. تېخىمۇ جانلىق ئوقۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن ئۆگىنىشى بېكىتىلىدۇ، بۇ مەكتەپ ھالقىپ قوشۇمچە كەسىپ ياكى دەرس ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىش، مەكتەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ئوچۇق تور دەرسخانىسىدا ئۆگەنگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نومۇرىنى جەملەش ۋە ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمى بېكىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق پائالىيەتكە قاتنىشىشنى ئوقۇش نومۇرىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ، ئوقۇش نەتىجىسىگە كىرگۈزۈش بېكىتىلىپ، مەكتەپلەرنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارخىپى تۇرغۇزۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇش نومۇرى تەسىس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. بەلگىلىمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى، ئوقۇغۇچىلارنى جازالاش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلدى، مەخسۇس «ئوقۇغۇچىلار ئەرزى» دېگەن باب كۆپەيتىلىپ، ئەرز قىلىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر