باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىلمەيدۇ، دېيىلدى

2017.08.23 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ج ك پ مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى بېسىپ تارقاتقان «بىۋاستە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە «پىكىر»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يۆتكىلىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ، شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشكە مەدەت بېرىلمەيدۇ، شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىختىساسلىقلارنى چىقىرىشىغا رىغبەتلەندۈرلىدۇ، ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە شەرقىي شىمالدىكى رايونلارغا «ئىختىساسلىقلارنى ئەۋەتىش»، «ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشى»گە ياردەم بېرىلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: توغرا بولغان ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىش ھەققى، ۋەزىپىسى، ئۈنۋانى ئۆسۈش جەھەتلەردە مايىل سىياسەت قوللىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە شەرقىي شىمالدىكى رايونلارغا يۆتكەشكە يېتەكلىنىدۇ.

  «پىكىر» مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2020- يىلىغىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار قۇشۇنى كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە سۈپىتىنى كەسپىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە ۋە خەلقئاردا رىقابەتلىشىش كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى سىستېمىسى ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلىدۇ. «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇنىڭدىن كېيىن، بىۋاستە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر چەت ئەلدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتە، «يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇش، سەرخىل بولۇش، ئالدىنقى قاتاردا بولۇش كەمچىل بولۇش» يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «بىرىنچى دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپ ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك پەن» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان ئالىملار، پەن ساھەسىدىكى باشلامچى شەخسلەر ۋە ئىجادىيەت كوللىكتىپى، يۇقىرى دەرىجىلىك ياش ئىختىساسلىقلار ۋە جىددىي كەمچىل بولۇۋاتقان ياش ئىختىساسلىقلار نۇقتىلىق كىرگۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر