باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

2017.08.23 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  «مەشئەل» يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپلەر تەرەققىيات مەركىزىدە، بۇ مەركەزنىڭ مەسئۇلى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر تەرەققىيات رايونى بىلەن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، «ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش» ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى شۇنىڭدەك كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىشىنى قوللاش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. كۆرەك تاختىسىدىكى كىچىك مەشئەللەر دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى، لى كېچياڭ ناھايىتى خوشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدې: يېڭىلىق يارىتىش مەشئىلىنى پۈتكۈل جەمئىيەتكە يەتكۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرىدىن خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. لى كېچياڭ يەنە ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق دېدى: يېتىلدۈرۈش «قاچىسى» دىن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بوشلىقىغىچە، يەنە يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشقىچە بولغان جەرياندا، يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىشىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، تەجىربىلەرنى يەتكۈنلىشىمىز، داۋاملىق ئىزدىنىشىمىز كېرەك. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت، قانۇن-نىزام ۋە نازارەتچىلىك مەھكىمىسىدە، لى كېچياڭ پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت پەن-تېخنىكا دوكلاتى مۇلازىمەت سىستېمىسى، پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئىسلاھات قىلىش ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېزلىتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئارقىدىن لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇ خىزمەت دوكلاتى بەردى. لى كېچياڭ پەن-تېخنىكا سېپىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئىشلىگەن نەتىجىلىك ۋە ئۈنۈملۈك خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، مەملىكىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى تېزلىتىش خىزمىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى، پەن-تېخنىكا تەرەققىيات ئەندىزىسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشى، يېڭى-كونا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتتە ھەلقىلغۇچ رول ئوينىدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدىرەتلىك ھاياتىي كۈچ قىلىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىختساسلىقلار بايلىقى مول بولۇشتەك خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە دۇنيادىكى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر