باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەردە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توشۇلىدىغان يەنە بىر ھاۋا يولى كۆپەيدى

2017.08.22 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن يەكەن ناھىيەسى ئارىلىقىدا تۇنجى ئايروپىلان قاتنىدى. شۇ كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى يەكەندىن 654 كىلوگىرام غەينۇلا(غەرب قارا ئۆرۈكى)نى ئۈرۈمچىگە ئەكەلگەنىدى. بۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلىنغان مەنزىلىگە تېز يەتكۈزىدىغان يەنە بىر ھاۋا يولىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  غەينۇلا ئاساسلىقى پەيزاۋات، يەكەن ناھىيەلىرىدىن چىقىدۇ. يەكەن ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ، ئۈرۈمچى – يەكەن يېڭى ھاۋا يولى ئېچىلىپ، بۇ لىنىيەدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى قاتناشقا باشلىغان ۋاقىت دەل يەكەندە غەينۇلا پىشقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ قەشقەر مال توشۇش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لى جيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل غەينۇلانىڭ توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، توشۇش يۇقىرى پەللىگە چىققاندا قەشقەر ئايرودۇرۇمىدىن كۈنىگە تەخمىنەن 15 – 20 توننا غەينۇلا توشۇلىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچى – يەكەن ئارىسىدا شىركىتىمىزنىڭ ئايروپىلانى قاتناپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە يەنە بىر ھاۋا يولىمىز كۆپەيدى (ھازىر يەكەن ئايرودۇرۇمىدىن كۈنىگە 2 –3 توننا غەينۇلا توشۇلۇۋاتىدۇ)، بۇ غەينۇلانىڭ ئىچكىرى ئۆلكە (شەھەر)لەرنىڭ بازارلىرىغا ۋاقتىدا، كۆپلەپ توشۇلۇشىغا پايدىلىق.

  ئۇقۇشىمچە، يەكەن ئايرودۇرۇمىدا يۈك تىرانسپورت كەسپىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يۈك تىرانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، مال سالغۇچى، مال تاپشۇرۇۋالغۇچىلارغا ئېتىبارلىق باھا، مالنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر