باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى»دىن ئىبارەت مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك ھۆكۈمنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى

2017.08.17 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ بىر مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك ھۆكۈم چىقاردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، دېگەن بۇ ھۆكۈم ئاشۇلارنىڭ بىرى. بۇ مۇھىم ھۆكۈم چوڭقۇر ئىچكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، زور ۋە چوڭقۇر نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ بەلگىسى بولغان جۇڭگو ئارزۇسى مىسىلىسىز پارلاق ئىستىقبالىنى نامايەن قىلدى.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش- جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى بولۇپ، نەچچە ئەۋلات جۇڭگولۇقنىڭ مۇراد-مەقسىتى مۇجەسسەملەنگەن. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخى بولسا سانسىزلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، توخىتماي كۈرەش قىلغان تارىخ. ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش، گۈللىنىش يولىدا ئىزدىنىش جەريانىدا، نۇرغۇن كۈرەش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ۋە چوڭقۇر ئىزدىنىشلەرنىڭ ئاخىرى چىقمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىلغار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىغان، توغرا يولنى تاپالمىغان، ئىلغار ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىتىلمىغان بولغاچقا، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەشتىكى كۈچ قىلىپ ئۇيۇشتۇرغىلى بولمىغان.

  تارىخ ۋە رىئاللىق شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە كىشىلەرگە ئۇقتۇردىكى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن، ماركىسىزىمنىڭ يېتەكچىلىكىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىسىزىم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىلسا، جۇڭگو خەلقىنىڭ روھىنى ئورغۇتقىلى، جۇڭگو خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىي تەلەپ ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، بىر قاتار زور ئىستىراتېگىيەلىك تەدبىرلەر، زور فاڭجېن-سىياسەتلەر ۋە زور خىزمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى زور مۇۋەپپەقىيەت ئاساسىغا ئىگە بولدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلىتىمىز تەرەققىيات جەھەتتە تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىغا كەلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر