باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز جۇڭگو-ياۋروپا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى دېڭىزدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش مەشىقىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللىدى

2017.08.22 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ 16 ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن ياۋروپانىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى سەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرىگە يېقىن دېڭىزدا 17 كۈن داۋاملاشقان دېڭىزدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش مەشىق ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. بۇ دۆلىتىمىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى ھەقىقىي دېڭىزدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش مەشىقى قىلىشىدۇر، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەشكىللىگەن چوڭ مەشىق ۋەزىپىسىگە تۇنجى قېتىم چەت ئەل ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ قېتىملىق دېڭىزدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش مەشىقى ئاساسلىقى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىگە ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدىغان ئالەم كېمىسى جىددىي قايتىپ كېلىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەندە قانات يايدۇرۇلىدىغان مەخسۇس مەشىق بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ دېڭىزدا بۆلۈمچىدىن ئۆزى چىقىش، جېنىنى ساقلاش ۋە قۇتقۇزۇش-قۇتقۇزۇلۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر