باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چۆلنى بوستان قىلغان دولانلىقلار

2017.08.21 17:03   مەنبە: خەلق تورى

چۆلنى بوستان قىلغان دولانلىقلار

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) كونىلار «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمدە» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. مەكىت ناھىيەسىنىڭ %70 يېرى قۇملۇق بولۇپ، ناھىيەنىڭ ئۈچ تەرىپىنى قۇملۇق قورشاپ تۇرىدۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر بولغاچقا، مەكىت خەلقى دائىم قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.

  دولانلىقلار 2012-يىلىغا كەلگەندە قۇم-بوراننى تىزگىنلەش، يېشىل ئاسمان بەرپا قىلىش ئۈچۈن بەلنى چىڭ باغلىدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ قۇملۇقنى يېشىللاشتۇرۇش، 1 مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تارقاقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە يېقىنقى پىلاندىكى 300 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، قۇم بارخانىلىرى ھازىر بۈك باراقسان ئورمانلىققا ئايلاندى، مەكىت خەلقى بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەكلىماكاننىڭ چېتىدە كۆلىمى 300 مىڭ موغا يېتىدىغان ئېكولوگىيە ئورمىنى _ يېشىل كارىدۇر پەيدا بولدى.

  2012-يىلىدىن باشلاپ، مەكىت ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى چېتىدە 1 مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمان بازىسىنى يولغا قويدى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون مو بولۇپ، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېقىنقى مەزگىللىك پىلاندىكى كۆلىمى 300 مىڭ موغا يېتىدۇ.

  بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى قۇم ۋە شورلۇق بولغاچقا، كۆچەتلەرنى ئەي قىلىش مەكىت خەلقى ئۈچۈن ئانچە ئاسانغا توختىمىدى. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقنى ئورمان بەرپا قىلىشقا چاقىردى. ئورمان بەرپا قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تۈرلۈك كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى ئانچە ياخشى بولمىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن كۆچەت تىكىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەجرىبە ئىشلىدى. كېيىن بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك پەرۋىش قىلىش سىستېمىسىنى تېپىپ چىقتى. داۋاملىق سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاش، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. جىگدە، تېرەك، جىغان، سۆك-سۆك قاتارلىق 11 تۈرلۈك قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق كۆچەتلەر تىكىلىپ، قۇدۇق قىزىلىپ تىمىتىپ سۇغۇرۇلغانلىقتىن، تۇتۇش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئاشتى، ئورەك كولاپ ئورگانىك ئوغۇت، كۈل تولدۇرۇپ كۆمۈپ، ھەر بىر دەرەخ يىلتىزىنىڭ ئوغۇت، سۇغا تويۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، يىلتىز قىسمىنى ئېگىزلىكى 70 سانتىمېتىر، دىيامىتىرى 35 سانتىمېتىر كېلىدىغان سىم تور بىلەن قورشاپ، شامال ئۆتۈپ تۇرۇشىغا، شۇنداقلا زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقىمۇ كاپالەتلىك قىلدى. مەكىت خەلقىنىڭ بۇ كۆچەتلەرنى خۇددى ئۆز بالىسىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، تۈجۈپىلەپ بېقىشى بىلەن نۆۋەتتە 160 مىليون كۆچەتنىڭ تۇتۇش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى.

  2016-يىلى كۈزدىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە، 120 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىندى. بۇ يەردە ئاساسلىق سۆك-سۆك بولۇپ، سۆك-سۆك شورغا چىداملىق، قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش شاھى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۆك-سۆك بىلەن قۇمنى تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپلا قالماي، ئىككى يىلدىن كېيىن سۆك-سۆككە توشقان زەدىكى ئۇلاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يول ئىچىلىدى. ئىگىلىنىشىچە، مەكىت ناھىيەسى 2020-يىلىغىچە ئورمان بەرپا قىلىش بازىسىدىكى 150 مىڭ مو قاقاسلىققا توشقان زەدىكى ئۇلاش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن.

  مەكىت ناھىيەسى ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. چاڭ-توزانمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايدى. قۇدۇق قىزىپ سۇغارغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان توغراقلىقمۇ ياخشى قوغدىلىپ، قۇملۇق بوستانلىققا ئايلىنىپ، مەكىت ناھىيەسىدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىلدى.

  __ 2010-يىلى ناھىيەدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى 109 كۈن داۋاملاشقان، بۇلتۇر 40 نەچچە كۈن بولۇپ، نۆۋەتتە قۇم-بوران ئونۈملۈك كونترول قىلىندى. بۇنىڭدىن كېيىن مەكىت خەلقى ئورتاق تىرىشىپ، ئورمان كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دولان يۇرتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، قۇم-بورانلىق ھاۋارايىدىن تەلتۆكۈس خوشلىشىپ، كۆك ئاسمان، ياپيېشىل ئورمان ۋە توغراقلىقلار، كەڭرى كەتكەن تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئەۋزەللىكلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دولان مۇقاملىرىمىز ۋە ئۆزگىچە ساياھەت ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مەكىتكە جەلپ قىلىمىز، __ دېدى مەكىت ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇغېنى جۈمە.

  دولان خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى، جاپاغا چىداش روھى، ئىزچىللىقى بىلەن تەبىئەتكە جەڭ ئېلان قىلىپ، قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقالىدى، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ھەم زور تىرىشچانلىقى بىلەن مەكتنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…